«مۇقام بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر»

来源:资讯浏览次数:869发布时间:2022-12-23 20:35:42

  导读:نەفىسە سادىقجان ئون ياش ۋاقتىمدا بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى «مۇقام بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر» نى كۆرگەن ئىدىم. مانا ئەمدى 20 ياش ۋاقتىمدا ئوخشىمايدىغان ھېسسىيات، ئوخشىمايدىغان زامان، ئوخشىمايدىغان ئەقلىم بىلەن قايتا كۆرۈپ چىقتىم. دەرۋەقە، مەندىكى ھېسسىيات، مەندىكى

نەفىسە سادىقجان

ئون ياش ۋاقتىمدا بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى «مۇقام بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر» نى كۆرگەن ئىدىم. مانا ئەمدى 20 ياش ۋاقتىمدا ئوخشىمايدىغان ھېسسىيات، ئوخشىمايدىغان زامان، ئوخشىمايدىغان ئەقلىم بىلەن قايتا كۆرۈپ چىقتىم. دەرۋەقە، مەندىكى ھېسسىيات، مەندىكى يۈرەك تىۋىشى، مەندىكى كۆز يېشى باشقىچە.

ئون ياش ۋاقىتلىرىمدا ئۇشبۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ «ئاھ زەرەپشان سۈيىدەك، قۇرىماس كۆز يېشىمىز، كۆكلەپ تۇرار بوستانلار، دىلدا ئۆچمەس ئارمانلار » دېگەندەك ناخشا بۆلەكلىرىنى يادلىۋېلىپ غىڭشىپ يۈرگەنلىرىم ئېسىمدە. باھارگۈلنىڭ ئوغلى باتۇرغا ساتار ئۆگەتكەن مىنۇتلىرىنى كۆرگەن ۋاقتىمدىلا مەنمۇ يىللاردىن كېيىن پەرزەنتىمگە مىللىي چالغۇلارنى چېلىشنى ئۆگىتىمەن دېگەندەك خىياللارنى قىلغان ئىدىم. مانا ئەمدى شۇ خىياللارغا خىياللار قېتىلىپ ئۆز ۋەزىپەمنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ، نەقەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمەن.

ئابدۇللا ئاكىنىڭ ساتارنىڭ مۇڭلۇق كۈيىنى ياڭرىتىپ ئون ئىككى مۇقامنىڭ «ئابى چەشمە» قىسمىنى ئورۇندىغىنىچە بىزدىن مەڭگۈلۈك خوشلاشقان مىنۇتلىرىنى كۆرگەن ۋاقتىمدا خۇددى زېمىننى يورۇتۇپ تۇرىۋاتقان نۇرلۇق قۇياش ئۆچكەندەك زېمىننى قاراڭغۇلۇق قاپلىغاندەك ھېس قىلىپ كەتتىم.

بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى تۇرمۇش چىنلىقىغا ۋە بەدىئىي چىنلىقىغا كۈچلۈك ئىگە. ئابدۇللا ئاكىنىڭ كۆكسى-قارنى كەڭ، كىچىك پىئىل، ئەپۇچان، ئۇلۇغ دېھقان روھى. باۋۇدۇننىڭ ھەقىقىي ئەركەكلەرگە خاس مەرد-مەردانلىقى، توڭ مۇئەللىمنىڭ كەسىپچانلىقى قانچە روشەن گۈزەل مەدھىيەلەنگەن بولسا، ھاشىمجان ئاكىنىڭ قادىر ۋە راخمانلارنىڭ رەزىللىكى شۇنچە بەتبەشىر ھالەتتە ئېچىپ تاشلانغان.

«مۇقام بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر» مۇقام ھەققىدىكى ئىبارىلەر ئىچىدىكى ئەڭ گۈزىلىدۇر. مۇقام شەنىگە ئوقۇلغان ئەڭ گۈزەل مىلودىيەدۇر ۋە يەنە مۇقامنىڭ ئۇلۇغلىقىغا يېزىلغان داستانلارنىڭ گۆھەر تاجىدۇر.

خەلقىمىزنىڭ مۇقامنى بۇنچە ئەزىزلەپ ساقلىشى بىزنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىمىزنىڭ سەنئەت سۆيگۈسىنىڭ مەڭگۈگە ئۈزۈلمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بەرسە كېرەك.

  声明:天天影视(https://www.sdkwzs.cc/)所有内容和图片均来自网络,如有侵权,请及时联系本站管理员,审查后将会在24小时内作删除处理,谢谢合作。